24.8.08

تېما ماۋزۇسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش

تېما ماۋزۇسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئادەتتە بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ CSS قىسمىدا بەلگىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندە تېما ماۋزۇسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

ئادەتتە تېما ماۋزۇسىنىڭ ئۇسلۇبى بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى تۆۋەندىكى كودلار ئارقىلىق بەلگىلەنگەن بولىدۇ:
#posts .postHeader h2 {font-size:20px; margin-top:4px;}
بۇنىڭدىكى font-size دېگىنى خەت چوڭلىقى دېگەنلىك بولۇپ، كەينىدىكى سانلىق قىممەتنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېما ماۋزۇسىنىڭ چوڭلىقىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىر مېنىڭ بلوگىمدىكى تېما ماۋزۇسىنىڭ چوڭلىقى 20px، ئەگەر چوڭلاتماقچى بولسام ئاۋۇ 20 نى چوڭلاتساملا بولىدۇ. ناۋادا كىچىكلەتمەكچى بولسام ئەلۋەتتە ئەكسىچە قىلىمەن!
دىققەت:
بەزى ئۇسلۇبلاردىكى كودنىڭ شەكلى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن،بەزىلىرىدە خەت چوڭلىقى نىسبەت بويىچە بەلگىلەنگەن، ،مەسىلەن130%دېگەندەك، سىز مۇشۇ نىسبەت قىممەتنى مۇناسىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز ياكى ئۇنى سانلىق قىممەتكە مەسىلەن 25px دېگەندەك ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ!
ئارتۇق گەپ:
ھەرقانداق بىر جايدىكى خەت چوڭلىقىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسڭىىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنى font-size نىڭ قىممىتىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ قويىسىز.

No comments: