25.8.08

html دىن 10 كۈنلۈك مەشىق(4)

تور بەتتە جەدۋەل ئىشلىتىش(داۋامى)
بىز ئالدىنقى مەشىقىمىزدە تور بەت يۈزىدە ئاددىي جەدۋەللەرنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. بىراق سىناپ باققانلار بىلىدۇكى، ئالدىنقى مەشىقتىكى پارامېتىرلار جەدۋەلنى تېخىمۇ كۆركەم قىلىشقا، تېخىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنى ئىپادە قىلىشقا كۇپايە قىلمايدۇ ( مەسىلەن، سولدىكى رەسىمدىكىدەك جەدۋەلنى).
شۇڭا بۇ مەشىقىمىزدە بىز داۋاملىق جەدۋەل توغرىلىق توختىلىمىز.
1.cellspacing ۋەcellpadding پارامېتىرلىرى
بۇ پارامېتىرلار table بەلگىسى ئىچىگە يېزىلىدۇ. cellspacing پارامېتىرى جەدۋەلدىكى ھەر قايسى كاتەكچىلەرنىڭ ئارىلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ پارامېتىر سانلىق قىممەت ئالدىغان بولۇپ، سانلىق قىممەت قانچە چوڭ بولسا كاتەكچىلەرنىڭ ئارىلىقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئاق جاي دەل كاتەكچىلەرنىڭ ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
cellpadding پارامېتىرى كاتەكچە ئىچىدىكى مەزمۇن بىلەن كاتەكچە چىگرىسىنىڭ ئارىلىقىنى بەلگىلەيدۇ( تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆك ئارىلىق). بۇ پارامېتىرمۇ سانلىق قىممەت ئالدىغان بولۇپ، سانلىق قىممەت قانچە چوڭ بولسا ئارىلىقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
colspan.2 ۋەrowspan پارامېتىرى
بۇ پارمېتىرلار td بەلگىسىنىڭ ئىچىگە يېزىلىدىغان بولۇپ، كاتەكچىنىڭ قانچە قۇر ياكى قانچە ستون ئاتلايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ھەر ئىككى پارامېتىر سانلىق قىممەت ئالىدىغان بولۇپ، سانلىق قىممەت ئاتلاپ كېتىدىغان قۇر ياكى ستون سانىنى بىلدۈرىدۇ. colspan پارامېتىرى ئاتلاپ كېتىدىغان ستون سانىنى بەلگىلەيدۇ، rowspan پارامېتىرى ئاتلايدىغان قۇر سانىنى بەلگىلەيدۇ.
تۆۋەندىكى كودلارنى ئىجرا قىلىپ كۆرۈڭ!



<TABLE BORDER="2" CELLPADDING="4">
<TR>
<Td ROWSPAN="2 " BGCOLOR="pink">test</Td>
<TD>test</TD>
</TR>
<TR>
<TD>test</TD>
</TR>
</TABLE>






<TABLE BORDER="2" CELLPADDING="4">
<TR bgcolor="green"><td colspan="3">Title</td></tr>
<tr><td>test</td> <td>test</td> <td>test</td> </tr>
</TABLE>



شۇنداق قىلىپ جەدۋەلگە ئائىت سۆزلەيدىغانلىرىمىز بىرەر قۇر تۈگەپ قالدى.ئەمدى تاپشۇرۇق ئىشلەپ بېقىڭ.
تاپشۇرۇق: رەسمدىكىدەك بىر تور بەت ياساڭ!
پايدىلىنىش كودى بۇ يەردە!

No comments: