28.8.08

Google Map تىن ئالتۇن مېدالغىچە


Google Map ۋە Googl Earth ئەترتىنىڭ بلوگى بولغان Google LatLong بلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابقىسىنىڭ ئاياللارنىڭ تاشيولدا ۋېلىسپىت مېنىش يەككە تۈر مۇسابىقىسدە چىمىيون بولغان ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچى Kristin Armstrong(كرىستىن ئارمستروڭ) يۇقارقى بلوگدا يازما ئېلان قىلىپ:<< مەن بۇ ئالتۇن مېدالنى Googl Earth نىڭ ياردىمى ئاستىدا قولغا كەلتۈردۇم>> دېدى.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ مەشقاۋۇلى(تېرىنېرى) 2007-يىلى 12-ئايدىلا بېيجىڭغا كېلىپ، ماسلىشىش مەشىقىنى باشلىغان بولۇپ، مۇشۇ جەرياندا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆزى قاتناشماقچى بولغان مۇسابىقە يولىغا ۋە بېيجىڭنىڭ ھاۋا شارائىتىغا ئائىت بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىغان.
ئالاھىدە يېرى شۇكى، كرىستىن ئېرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر كىچىك GPS ئۇسكۈنىسىنى يېنىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق مۇسابىقە لېنىيسىنىڭ بىرىنچى قول ئېگىزلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:<< ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن توپلىغان ئۇچۇرلارنى Googl Earth قا كىرگۈزدۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن Googl Earth ئارقىلىق ھەقىقىىي مۇسابىقە يولىنى كۆزىتىلەيدىغان بولدۇم، شۇ ئارقىلىق بېيجىڭغا بارماي تۇرۇپمۇ ھەقىقىي يولدا مەشىق قىلغاندەك مەشىق قىلالايدىغان بولدۇم. بۇ مېنىڭ كېيىن ئالتۇن مېدال ئېلىشىمغا كۆپ ياردەم قىلدى>>.
خەنزۇتىلىدىكى ئالاقىدار ماقالە:http://www.williamlong.info/archives/1477.html

No comments: